باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورى پىيادە مېڭىپ يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

40تىن ئارتۇق شەھەردە 100 مىڭ نەپەر تور ئەھلى پائالىيەتكە قاتناشتى

2017.01.01 11:05   مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى پىيادە مېڭىپ يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

  سۈرەتتە: 12- ئاينىڭ 31- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق تورىنىڭ «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، ئەتىگە قەدەم تاشلاش» تېمىسىدىكى پىيادە مېڭىپ يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شىخو بىكىتىدە رەسمىي باشلاندى. پائالىيەتنى خەلق تورى شىنجاڭ قانىلى، ج ك پ شىخو شەھەرلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، تۆت مىڭغا يېقىن شەھەر ئاھالىسى قاتناشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى بىر يىل باشلانغاندا، ھەممە يېڭى تۈس ئالىدۇ. 12- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن كىلەر يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە، مەملىكىتىمىزدە 40تىن ئارتۇق شەھەردىكى 100 مىڭ نەپەر تور ئەھلى يىل ئاتلاش ھارپىسىدا سىرتقا يىغىلىپ، خەلق تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئۇيۇشتۇرغان «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، ئەتىگە قەدەم تاشلاش» تېمىسىدىكى پىيادە مېڭىپ يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، «جۇڭگونىڭ ئەڭ شەرقى» بولغان فۇيۈەن شەھىرىدىن چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى چىڭخەي كۆلىگىچە، شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يۆلۇشەن تېغىدىن ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى خەينەن ئارىلىغىچە بولغان ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇقەددەس زىمىندا يارقىن ۋە ئۆزگىچە مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى.

  1997- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، خەلق تورى رەسمىي قۇرۇلغان ئىدى. 20 يىلدىن بۇيان، خەلق تورى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم بايلىقى ۋە ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، توردىكى جامائەت پىكرى ئېكولوگىيەسىدە «يول باشلىغۇچى»، «باشلامچى» ۋە «مۇستەھكەم تۆۋرۈك، دانا تەدبىر»لىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. قۇرۇلغىلى 20 يىل بولغان پەيتتە، «ساغلام جۇڭگو 2030 "يىرىك پىلان تېزىسى"» ۋە «گوۋۇيۈەن بەنگوڭتىڭىنىڭ چېنىقىش ۋە ئىستىراھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرى»نى ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، ئامما كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان چېنىقىش ۋە ئىستىراھەت تۈرلىرىنى كېڭەيتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىپ، ئاممىنى ھەرىكەتكە كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، خەلق تورى «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، ئەتىگە قەدەم تاشلاش» پىيادە مېڭىپ يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلق تورى يەرلىك شىركەتلىرى ئۇيۇشتۇردى. بۇ پائالىيەت 12- ئايدا قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىنكاس كۈچلۈك بولدى، بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغانغا قەدەر, 40 نەچچە شەھەردە 100 مىڭ نەپەر تور ئەھلى بەس-بەستە تىزىملىتىپ قاتناشتى.

  خەلق تورى پىيادە مېڭىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى يۇغۇرۇلما تاراتقۇلار ئارقىلىق ۋاقتىدا ئەينەن خەۋەر قىلدى، تورداشلار خەلق تورى، يانفون خەلق تورى، خەلق تورىنىڭ ئورگان مىكرو بىلوگى، خەلق تورى ئۈندىدار جامائەت نومۇرى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى توردىن بىۋاستە كۆردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بەش يىللىق يىرىك پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
    ·خەلق تورىدا «ئېلىمىز ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىر كۈچى رەت تەرتىپى» ئېلان قىلىندى
    ·شىنجاڭدا 2017- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا 26 مىڭ ئادەم تىزىملاتت…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «13-بەش يىل»لىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئالىي مەكتەپلەر…
    ·تۇمان-تۈتەك ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، 4G تورى ئارقىلىق ئوقۇتۇش «كارامىتىنى كۆرسەتتى»
    ·تەتقىقات خاراكتېردىكى ئۆگىنىش ساياھىتى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ئاتاقلىق ئەربابلار بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى توغرىسىدا توختالدى
    ·ئالىپوف ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى بولدى
    ·مىرزىيايېف قەسەم بېرىپ ئۆزبىكىستان زوڭتۇڭى بولدى
    ·قىرغىزىستاندا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش ئۆتكۈزۈلدى