باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

كورلا شەھەرلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئۆمىكىدىكى رەھبەرلەر مەكتەپلەرنىڭ 2016- يىللىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2016.06.17 16:39   مەنبە: خەلق تورى

كورلا شەھەرلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئۆمىكىدىكى رەھبەرلەر مەكتەپلەرنىڭ 2016- يىللىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، كورلا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شەھەرلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئۆمىكىدىكى رەھبەرلەر ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، كورلا شەھىرىگە قاراشلىق ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ 2016- يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، بىخەتەرلىك، ئەخلاقىي تەربىيە، ئوقۇش-ئوقۇتۇش، ئاياللار خىزمىتى، پىلانلىق تۇغۇت، قوش تىل ئوقۇتۇشى، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش، «سىنىپلار ئارا تورلاشتۇرۇلغان كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش خىزمىتى»، كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى، پىيۇنىرلار خىزمىتى، يەسلى مائارىپى، تور بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر تەشۋىقات خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ ساقلانغان مەسىلىلىرىگە قارىتا تۈزىتىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە تەنقىدىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  سۈرەتتە: مۇپەتتىش ئۆمىكىدىكى يولداشلار يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرمەكتە

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدە بالىلار كېسەللىكلىرى كەسپى ئېچىلىدۇ
    ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 26 ئالىي مەكتەپ QS ئاسىيا 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىگە كىردى
    ·شىنجاڭدىكى 879 غوللۇق ئوقۇتقۇچى توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈردى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئ…
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى
    ·مەملىكەت بويىچە 21 ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئالىي مەكتىپى شىنجاڭدىن 526 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇش 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى
    ·ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ك…