باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئونسۇ ناھىيەسىدە 2016-يىللىق ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۆي-زېمىن يەرمەنكىسى داغدۇغىلىق ئېچىلدى(1)

2016.06.16 16:02   مەنبە: خەلق تورى

ئونسۇ ناھىيەسىدە 2016-يىللىق ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۆي-زېمىن يەرمەنكىسى داغدۇغىلىق ئېچىلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن مۇنىردىن تۇنىياز، مۇختەر ئەخمەت خەۋىرى، فوتوسى) ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ 2016- يىللىق ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۆي - زېمىن يەرمەنكىسى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى لوڭچۈەن كۈلى مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ئۆي-زېمىن يەرمەنكىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى كۈنى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئامما پائالىيەتكە قاتنىشىپ، يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇلغان 12 يۈرۈش بىنا ئۆينىڭ سېتىلىشى زور دەرىجىدە ئېشىپ، سودا پۈتۈشۈش سوممىسى ئادەتتىكى كۈندىكىنىڭ بىر قانچە ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. يەرمەنكە مەزگىلىدە ئۆي-زېمىن سودا كومىتېتى كۆپلىگەن ئۆيلەرنى يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىگەن بولۇپ، ئەمەلىي يولغا قويۇلۇۋتقان يەر بېجى (كۆلىمى90㎡ دىن تۆۋەن بولغان ئۆيلەرگە 1% باج ئۆلچىمى بويىچە تولۇق سوممىلىق تولۇقلىما، كۆلىمى90㎡ دىن يۇقىرى بولغان ئۆيلەرگە %1.5 -%2 باج ئۆلچىمى بويىچە تولۇق سوممىلىق تولۇقلىما، دۇكان ئۆيلەرگە %3 لىك باج ئۆلچىمى بويىچە تولۇق سوممىلىق تولۇقلىما بېرىشنى كۆرسىتىدۇ ) تولۇقلىمىسى ئاساسىدا يەنە مۇئەييەن نىسبەتتە ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، كەڭ ئاممىغا پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىش شەكلىدە سېتىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى
    ·مەملىكەت بويىچە 21 ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئالىي مەكتىپى شىنجاڭدىن 526 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇش 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى
    ·ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ك…
    ·بۇ يىل 9 مىليون 400 مىڭ كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟  
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر )نىڭ 2016-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان…