باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەر(1)

2016.06.15 17:03   مەنبە: خەلق تورى

سۈرەتلىك خەۋەر(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر بۆلۈمىدىن مەڭلىك ئىمىن) چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئاقتىكەندۆڭ يېزىسى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ 500 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قەشقەردىن 100 تۇياق ئېشەك سېتىۋېلىپ، توغراقئېغىل كەنتىدىكى 88 ئائىلىلىك نامرات دېھقانغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئېشەك باقمىچىلىقىغا تايىنىپ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۈپ، نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلاشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ئابدۇراخمان مەمتىمىن توغراقئېغىل كەنت ئەزاسى بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرى ئاز، ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى يوق بولغانلىقتىن، ئۇزۇندىن بىرى باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما مەبلىغى بولمىغاچقا، بۇ ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلگەنىدى، ئۇ بۇ قېتىم ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلگەن ئىككى تۇياق ئېشەكنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىش ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ماڭا بۈگۈن يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىككى تۇياق ئېشەكنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خوش بولدۇم، مەن بۇ ئىككى تۇياق ئېشەكنى ياخشى بېقىپ كۆپەيتىپ، تەخىيىنى ھەم سۈتىنى سېتىپ ئائىلە كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ، تېزراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىمەن.

  سۈرەتتە: دېھقانلار تارقىتىپ بېرىلگەن ئېشەكنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى
    ·مەملىكەت بويىچە 21 ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئالىي مەكتىپى شىنجاڭدىن 526 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇش 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى
    ·ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ك…
    ·بۇ يىل 9 مىليون 400 مىڭ كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟  
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر )نىڭ 2016-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان…