خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن خەۋىرى، ھەسەنجان مەمتىلى فوتوسى) زۇلپىيە ئوسمان ئاۋات ناھىيەسى غوروچۆل بازىرى ئايكۆل كەنتى 5-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بۇلتۇر سىنىپ مۇدىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھىرى كېچياۋ رايۇنى مائەن مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى 5-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆزئار دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئورتاق ئالغا بېسىش، گۈزەل ئارزۇلارنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ بىر پارچە خەت يازغان ئىدى.
زۇلپىيە ئوسماننىڭ بۇ خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھىرى كېچاۋ رايۇنى مائەن باشلانغۇچ مەكتىپى 5-يىللىق 3-سىنىپتىكى ساۋاقداشلار قاتتىق ھاياجانلىنىپ، زۇلپىيە ئوسمان ئوقۇۋاتقان ئاۋات ناھىيەسى غوروچۆل بازىرى ئايكۆل باشلانغۇچ مەكتىپى 5-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاپ خەت يازغان. ئىككى سىنىپ ئوتتۇرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە كوللېكتىپ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان. ئىككى سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ئۆزئارا تۇنۇشقاندىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم خەت يېزىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، كىشىلىك غايىلىرى؛ ئائىلە ئەزالىرى، يېمەك-ئىچمەكلىرى، ھاۋا كېلىماتى، ئۆسۈملۈكلىرى، جان-جانۋارلىرى، ئۇزۇقلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرغان.
ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئارا يېزىشقان خەتلىرى 50 پارچىغا يېتىپ، ئۆز ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى تازا چوڭقۇرلاشقان. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يېقىندا ئاۋات ناھىيەسىگە كېلىپ، ئايكۆل باشلانغۇچ مەكتىپىنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزىشقان خەتلىرىنى كۆرۈپ دەۋرىمىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئالىجاناپ پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇلارنىڭ تىپىك ئىش-ئىزلىرىنى سۈرەتكە ئالدى.
زۇلپىيە ئوسمان مۇنداق دېدى: شاۋشېڭ ئۇلۇغ بوۋىمىز، داڭلىق ئەدىب لۇشۈننىڭ يۇرتى. شاۋشىڭ شەھىرى ناھىيەمىزگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىپ، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى. مېنىڭ يىراقتىكى ساۋاقداشلىرىمغا خەت يېزىشتىكى مەقسىتىم ئۆزئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىش.
سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غوروچۆل بازىرى ئايكۆل كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن، ئايكۆل باشلانغۇچ مەكتىپىنى مەخسۇس زىيارەت قىلغاندىن باشقا، ئۆز ئارا خەت يېزىشقا ساۋاقداشلارنىڭ ئائىلىسىنىمۇ مەخسۇس زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. زۇلپىيە ئوسماننىڭ بىر پارچە خېتى ئىككى سىنىپ كوللېكتىپى ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ئالغا بېسىشقا پۇختا ئاساس سېلىپلا قالماستىن، ئىككى جايدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ دوستلۇق رىشتىنى مەھكەم باغلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى