خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى ، فوتوسى) بۇ يىللىق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش پەيتىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ئاشلىق سېتىۋېلىش ئورۇنلىرى، پونكىتلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۆلچەم ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىگە پۇختا ئاساس سالدى.
سۈرەتتە: تەكشۈرگۈچى خادىملار ئاشلىق سېتىۋېلىش پونكىتلىرىنىڭ ئۆلچەم ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى