خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇن، كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرى مەركىزىدىكى گۈزەل سەنئەت سارىيى سىرتىدا خەلق شام يورۇقىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئورلاندو شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدىكى بىر كەچلىك كۇلۇبتا 12- ئىيون ئەتىگەندە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ۋەقەدە 50 كىشى قازا قىلغان، 53 كىشى يارىلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى