خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: قەھرىمان روزى، ۋاڭ لى خەۋىرى)باي ناھىيەسىدە 11-قېتىملىق «مەملىكەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى» ۋە قىزىل مىڭ ئۆيىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىل 6-ئاينىڭ 11-كۈنى مەملىكىتىمىزنىڭ 11-قېتىملىق «مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى». 2016-يىل 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، قىزىل مىڭ ئۆيىدە باي ناھىيەسى ۋە شىنجاڭ كۈسەن تاشكېمىرلىرى تەتقىقات يۇرتى بىرلىكتە «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى زامانىۋى تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش» باش تېمىسىدا «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە، ئاساسلىقى «شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى»، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، باي ناھىيەسىنىڭ 1-قېتىملىق مەملىكەتلىك كۆچمە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەتىجىلىرى ۋە باي ناھىيەسىدىن قېزىپ چىقىرىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قىزىل مىڭئۆيى تام رەسىملىرى ئاممىغا كۆرگەزمە قىلىندى. يەنە ئامما ئىمزا قويۇش ۋە ئەنئەنىۋى سەنئەت نومۇرلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى قىزىل مىڭئۆيى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى