خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق جۇڭگو سۈرئىتى ئات بەيگىسى مۇسابىقىسىنىڭ نارات بېكىتى مۇسابىقىسى 11-ئىيۇن «جوڭگودىكى ئەڭ گۈزەل يايلاق»نىڭ بىرى بولغان نارات يايلىقىدا باشلاندى.نارات يايلىقى دۇنيادىكى تۆت چوڭ ئېگىز تاغ ئوتلىقىنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى تەۋەسىدە. مەزكۇر ناھىيەدە 150 مىڭ قازاق ئاھالىسى ياشايدۇ، جۇڭگودىكى قازاقلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ مەركەزلەشكەن رايون بولۇپ، جۇڭگودىكى قازاق نوپۇسىنىڭ 10 / 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
2016-يىللىق جۇڭگو سۈرئىتى ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى نارات بېكىتى مۇسابىقىسىدە 158 تۇياق ئات، 28 كوماندا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن. شۇ كۈنى، تۆت ياشتىن يۇقىرى ئات گۇرۇپپىسىنىڭ 1000 مېتىرلىق بەيگە مۇسابىقىسى، ئىككى ياشلىق ئات گۇرۇپپىسىنىڭ 1000 مېتىرلىق بەيگە مۇسابىقىسى قاتارلىق بەش مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى