خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز:مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى، يەن شۇۋلىن فوتوسى) 29-ماي، ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى قىزىل بازىرىنىڭ قارىسا كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ‹‹1-ئىيۇن››نى تەبرىكلەش بويىچە ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتى قىزىل بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارغا 200 دانە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش سومكىسى، قەلەم قۇتىسى، كومپيۇتېر ۋە تەنتەربىيە بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئىئانە قىلدى. بۇ پائالىيەتكە كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ 600 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى