خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام ئۇلۇغ خەۋىرى، فوتوسى) جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنىڭ ئونسۇ مۇسابىقە بۆلىكى 27-مايدىن 29-مايغىچە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ داشىن ماشىنا شەھەرچىسىىدە ئاياقلاشتى. بۇ مۇسابىقە بۆلىكى بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى پاقىلىق كەنتى، دۇنيا تەبىئەت مىراسلىرىنى قوغداش رايونى بولغان گۈزەل تەڭرىتاغ تۆمۈر چوققا جىلغىسى، تەڭرىتاغ تۆمۈر چوققا مۇزلۇقىنى كېسىپ ئۈتۈپ، مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە سېھرىي كۈچكە تولغان قەدىمىي يۇرت ئونسۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە مول ساياھەت بايلىقىنى نامايان قىلىپ، 3-كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
سۈرەتتە: ئونسۇ مۇسابىقە بۆلىكىدىكى يارقىن كۆرۈنۈشلەر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى