خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-ماي، چىرا ناھىيەسى چىرا يېزىسى توپا كەنتىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئانارلىق بازىىسىدا ناخشا سادالىرى ياڭراپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، تۇتاش كەتكەن ئانارلىقتىكى ئانار گۈلى بەس - بەستە چېچەكلىدى. شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن چىرا ناھىيەسى تۇنجى نۆۋەتلىك ئانار گۈلى بايرىمى 10 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.
چىرانىڭ قەدىمدىن تارتىپلا «ئانار يۇرتى» دېگەن نامى بار بولۇپ، ئانار ئۆستۈرۈش تارىخى 2000 يىلدىن ئاشىدۇ. چىرا ئانىرىنىڭ رەڭگى ئوچۇق، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، مىۋە سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى. بۇلار ئىچىدە، تاتلىق ئانار ۋە چوڭ ئاچچىق ئانارغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېۋە نام كومىتېتى «چىرا تاتلىق ئانىرى» ۋە « چىرا ئاچچىق ئانىرى» دەپ نام بەرگەن. چىرا ناھىيەسى ئانار قاتارلىق ئۆزگىچە مېۋىچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ناھىيە دەرىجىلىك كەسىپ قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئانارلىق كۆلىمى تەخمىنەن16 مىڭ 264 موغا، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 8000 توننىغا يېتىدۇ. بۇ ناھىيە يەنە 30 مىڭ مو ئۆزگىچە ئانار ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇش بىلەن بىللە، تىرىشىپ ئانارچىلىق تەرەققىيات كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشنى پىلانلىدى.
ئانار گۈلى ساياھەت بايرىمى مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا شۇ جايدىكى 30 ئاشپەز 650 كىلوگرام ئۇن، 200 كىلوگرام قوي گۆشى، 10 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، چوغدا دىئامېتىرى 5.6 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن بىر توننا كېلىدىغان كۆمەچنى پىشۇرۇپ چىقتى. چىرا كۆمەچ ئۇستىسى مەمەتئابدۇللا قاسىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئانار ئىتتىپاقلىققا سىمۋول قىلىنغان، ئانار گۈلى بايرىمىدا دىئامېتىرى 5.6 مېتىر كېلىدىغان كۆمەچنى پىشۇرۇش 56 مىللەتنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى