باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر بالىلار 2016-يىللىق خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2016.05.30 17:06   مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر بالىلار 2016-يىللىق خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق «1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك جۇڭخۇا مىللەتلەر باغچىسىدا بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر بالىلارنى تەشكىللەپ، ئۇلارغا بىر مەيدان مول مەزمۇنلۇق بالىلار بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە قانىلى «تۇرمۇش يېتەكچىسى» سەھىپىسىنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق دىكتورلىرىدىن ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم ۋە زۇمرەت ياسىن نەق مەيداندا ئۇيغۇرچە رادىيو ئاڭلىتىشنى نامايان قىلىپ، پائالىيەتنى باشلىدى. جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى، باش كاتىپى تۇرۇپ بارات ۋە ئاساسلىق قوللىغۇچىلارنىڭ بىرى، بېيجىڭ روزىباي يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تۇرغۇن ئەپەندى بالىلارغا بايراملىق تەبرىكنامە ئوقۇپ ئۆتتى.

  پائالىيەت ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلىكى، بىلىم بۆلىكى، تەنتەربىيە پائالىيىتى بۆلىكىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلىكىدە بالىلار نادىر نومۇرلارنى ئورۇنلىدى، «ئاپىسىنىڭ رەسىمىنى سىزىش»، «ئاپا، نەدە سەن» قاتارلىق نومۇرلار بىلەن ئانا-بالا مېھرى كۈچەيتىلدى. بىلىم بۆلىكىدە مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تەھرىرى ئابدۇللا موللا بالىلارغا ئۆزى يازغان بالىلار بايرىمىلىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى ھەم «قۇتادغۇ بىلىك»تىن پارچىنى يېشىپ بەردى؛ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تارماق دوختۇرخانىسىدىن رىزۋانگۈل دوختۇر بالىلارغا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئائىت بىلىملەرنى تونۇشتۇردى؛ بېيجىڭ چېنفەن پىسخولوگىيە ئىشلىرى ئورنىنىڭ مۇدىرى ئادىلە خانىم پائالىيەتكە قاتناشقان ئائىلە باشلىقلىرىغا ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك دوكلاتى بەردى؛ تەنتەربىيە بۆلىكىدە ئوننەچچە تۈرلۈك تەنتەربىيە تۈرلىرى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى پەللىگە چىقاردى. بالىلار شام ئۆچۈرۈش، يۈگۈرۈش، سۇ تاپانچىسى ئويۇنى قاتارلىقلارنى ئويناپ، بالىلار بايرىمىنىڭ شادلىقىدىن ھوزۇرلاندى.

  پائالىيەت بىلىم بېرىش بىلەن قىززىقارلىق بولۇشنى، ئەنئەنىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن زامانىۋى ئىلىم-پەن تەربىيەسى بېرىشنى، ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن ئانا مېھرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە بالىلارغا بۇ قېتىملىق پائالىيەت ھەققىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. پائالىيەت كۆپچىلىك ئوپچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندىن كېيىن، قىيالماسلىق ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

  بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى ئىجتىمائىي خىزمەت بۆلۈمى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئەلسۆيەر خانىم، بېيجىڭ شەھەرلىك بىرلىكسەپ بۆلۈمى ئۇنىۋېرسال تۈزەش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ مېڭ، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەتلەر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ لى خانىم، جۇڭخۇا مىللەتلەر باغچىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ ليەنگېن ۋە بېيجىڭدىكى 150تىن ئارتۇق ئۇيغۇر بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى- كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگولوق ئوقۇتقۇچىلىرى جۇڭگونىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق …
    ·مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزەيلى
    ·ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشقا كا…
    ·نومۇر قوشۇش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇ…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان يېزىقچە سالاھىيەت ئىمتىھانى ھەر يىلى 3-ئاي ۋە…
    ·ئېلىمىزدە سەنئەت ساھەسىدە ماگىستىر تەربىيەلەش ئورنى 200 دىن ئاشتى
    ·مەملىكەت بويىچە يەنە 73 ساختا ئالىي مەكتەپ ئاشكارىلاندى
    ·شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىككى ئادەتتىكى كەسپىي ئالىي مەكتەپ بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىل…
    ·20 ئۆلكە ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي، تەبىئىي پەنگە ئا…