خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (گۈلبوستان مەمەت، جېڭ چۈنيۈ خەۋىرى، فوتوسى) 29-ماي، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچلىق نازارىتىدىن ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرىنىڭ تۆۋەنكى تىگىن كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار تۆۋەنكى تىگىن باشلانغۇچ مەكتىپىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاساسىي تېما قىلغان «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى ھەم پائالىيەتتە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار، ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ۋە بايراملىق نادىر نۇمۇر كۆرسەتكەن ئوقۇغۇچىلارغا 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ماددى بۇيۇم تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا مەدەت ۋە ئىلھام بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى