خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29 -ماي، ماڭگو خۇيۈ 2016-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ئاقسۇدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. گېلى بويۆ خەنۋېي SMG ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى خەنۋېي/جىن گارسىئا ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيۇن بولدى، قىزىل كالا KTMR2R يۇلتۇز كوماندىسىدىكى ئىسپانىيە ماھىرى خېرناندېس بۇ نۆۋەتلىك موتوسېكلىت مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە 15-ماي باشلانغان بولۇپ، 29-ماي ئاياغلاشتى، مۇسابىقە تارباغاتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، بايىنغولىن ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق رايونلارنى قاپلىدى، جەمئىي 12 ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 6000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 2600 كىلومېتىر كېلىدۇ، جەمئىي 103 ئاپتوموبىل، 14 موتوسىكلىت مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى