خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(ئۆز مۇخبىرىمىز مەرھابا ئەبەت خەۋىرى) 27-ماي چۈشتىن كېيىن، 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جوڭگو سودا-سانائەت بانكىسى ئۈرۈمچى شەھىرى مېڭدى يولى تارمىقىنىڭ بانكا باشلىقى ياردەمچىسى مۇختەبەر سادىق بېيجىڭدىكى بىر ئايلىق ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بېيجىڭ تىنچلىق كوچىسى 1-ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ، شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا جىدىي تەييارلىق قىلىۋاتقان تۇلۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى يوقلاپ، ئۇلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بەردى.
بېيجىڭ تىنچلىق كوچىسى 1-ئوتتۇرا مەكتىپى 12 يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ بولۇپ، 1960-يىلى قۇرۇلغان. شىىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسسىس قىلىنغان 10 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا نۇرغۇن ياراملىق ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ بەردى. ھازىر بۇ مەكتەپنىڭ شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن بولۇپ جەمئىي 297 ئوقۇغۇچى بار. بۇلاردىن تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسىدىن 76سى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا جىددىي تەييارلىق قىلماقتا.
ۋەكىل مۇختەبەر سادىق بېيجىڭ تىنچلىق كوچىسى 1-ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىغا بولغان تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى ۋە مەكتەپ ئىچىنى ئايلىنىپ، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى. ئاندىن تۇلۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۈرۈشتى ۋە ئۇلارغا ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆگىنىش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، كەيپىياتىنى تەڭشەپ، ئىمتىھاندا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە بولغان ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.
ۋەكىل مۇختەبەر سادىق مۇنداق دىدى: 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خەلق تۇرمۇشى، شۇنداقلا شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش مەسىلىسى مەن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا مەنمۇ بىر ئانا، بۇلتۇر قىزىم ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە، قېشىدا بولالماي ئۆزۈممۇ شۇنداق ئەندىشە قىلغانىدىم، شۇڭا بۇ يىل مەن بىر ئانا سۈپىتىدە سىلەرنى كۆرگىلى كەلدىم. مەنمۇ سىلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلار بىلەن ئوخشاش سىلەرگە مەدەت بېرىمەن، سىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭلارنى تىلەيمەن.
مۇختەبەر سادىق مەخسۇس تەييارلىغان خاتىرە دەپتەر، شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرى، سۈت قاتارلىق سوۋغىلارنى ئالغاچ كەلگەن بولۇپ، سوۋغىلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزى تارقاتتى ۋە بىرمۇ-بىر ئەھۋال سورىدى. ئوقۇغۇچىلار مۇختەبەر سادىقنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن تەسىرلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ چوقۇم تىرىشىپ ئىمتىھاننى ياخشى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى