خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ماي، خەلقئارالىق داڭلىق چولپان فەن بىڭبىڭ تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى ئوتۇنكوزا شەھىرىگە كېلىپ، جۈنخاۋ يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلار شەھىرىنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سەھنىدە فەن بىڭبىڭ چېچىنى ئۆرۈپ، پائالىيەت ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ سوۋغا قىلغان گېلەم دوپپىنى كىيىۋالدى.
شۇ كۈنى، فەن بىڭبىڭ ئۇچىسىغا قارا كۆينەك كىيىۋالغان بولۇپ، سەھنىدە ناھايتى خۇشخۇيلۇق بىلەن تاماشىبىنلارغا كۈلۈمسىرەپ تۇردى. ئۆزى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكۈسى بارلارغا ماسلىشىپ، بىللە سۈرەتكە چۈشتى.
شۇ كۈنى، 20 مىڭغا يېقىن تاماشىبىن بۇ يەرگە كېلىپ، پائالىيەتنى كۆردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى