خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى، فوتوسى) بۇ يىل 20-ماي 17-قېتىملىق «دۇنيا ئۆلچەم كۈنى» بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 20-ماي ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت -تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ يېزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، ساڭ ئالدى مەھەللىسى، مەپىخانا مەھەللىسى، يەڭگىبويى مەھەللىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئۆلچەم نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىش، تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىش، چاپلاش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى ھەم يېمەك-ئىچمەك بازارلىرىدىكى يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ تارازىلىرىنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ، يەككە تىجارەتچىلەرنى سودا ئىشلىرىدا ئادىل بولۇشقا يېتەكلىدى .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى