خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18- ماي، ماڭگو خۇيۇ 2016-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى SS3 مۇسابىقە بۆلىكىدىكى كۈچ سىنىشىشنى كۈتۈۋالدى.
مۇسابىقە ماناس كۆلى پويىز ئىستانسىسىدىن باشلىنىپ، ئۆتۇنكوزا شەھىرى 103-تۈەنىنىڭ 14-ليەنى ئاخىرقى نۇقتا قىلىنغان، پۈتۈن مۇساپە 320 كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىدىكى يۇمشاق قۇم ۋە چۆللۈك مۇسابىقە بۆلىكىدە سىلكىنىش ئېغىر بولغاچقا، ماھىرلار ۋە مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىغا زور خىرىس ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توختىماي ياغقان قاتتىق يامغۇر 320 كىلومېتىرلىق مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتتى.
19-ماي، ماڭگو خۇيۇ 2016-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى تۇرپاندىكى تۇنجى قېتىملىق تەرتىپكە سېلىش كۈنىنى كۈتۈۋالىدىكەن. كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان SS4 مۇسابىقە بۆلىكىدە مۇسابىقە مەيدانى تۇرپاندىن كورلىغا يۆتكىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى