باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۈرۈمچىدىن شېنجېنغا تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى لىنىيەسى ئېچىلدى

2016.05.18 13:21   مەنبە: خەلق تورى

ئۈرۈمچىدىن شېنجېنغا تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى لىنىيەسى ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ماي، ئۈچ ياشلىق بىر يولۇچى ئاپىسىنىڭ قۇچىقىدا ئۈرۈمچىدىن شېنجېنغا قاتنايدىغان Z323 قېتىملىق پويىزنى كۈتمەكتە. شۇ كۈنى 18دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، تۇنجى قېتىملىق Z323 شېنجېنغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان يولۇچىلار تېز پويىزى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قوزغىلىپ، 4600 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى شېنجېن شەھىرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ پويىز يولدا قۇمۇل، لەنجۇ، شىئەن، چاڭشا، گۇاڭجۇ قاتارلىق 21 بېكەتتىن ئۆتۈپ، ئۈچىنچى كۈنى 19دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە شېنجېنغا يېتىپ بارىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىگە 48 سائەت 43 مىنۇت كېتىدۇ. بۇ، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچى بىلەن شېنجېن ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنى تەسىس قىلىشى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق تۆت شەھەرگە بىۋاسىتە قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالتە كەسپىي ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 360…
      ·دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 240 مىليون يۈەن…
      ·شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتات بېرىلمىگەن ئورۇنلارغا 65 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، مائاشى 4~5 …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەر قايسى ھالقىلار بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ…
      ·قازاقىستاندا فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە كۈنى تەبرىكلەندى
      ·2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلىرىغا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىل…
      ·2016-يىللىق دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانى پىلانىدا ئۈچ تۈرلۈك ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىش ۋە ئىگىلىۋېل…
      ·گوۋۇيۈەن مەكتەپتە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بىۋاسىتە قاراشلىق سەككىز ئالىي مەكتەپ ۋە سەككىز ئورۇندا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قان…