خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ سايرام كۆلى بويىدىكى گۈل - چىچەكلەر ئېچىلىپ، دېڭىزغا ئوخشاش چەكسىز كۆل، ھەيۋەتلىك قارلىق تاغ بىلەن بىرلىشىپ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى. قارلىق تاغ ئاستىدىكى بىپايان ئوتلاق قويۇق ئوت - چۆپلەر بىلەن قاپلانغان، ھەممىلا يەردە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنىدى.
سايرام كۆلى شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدە بولۇپ، «سايرام»دىگەن سۆز موڭغۇل تىلىدا «تاغ ئومۇرتقىسى ئۈستىدىكى كۆل» دېگەن مەنىدە. سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى سايرام كۆلىنى مەركەز قىلغان، كۆل ئەتراپى مەنزىرىسى گۈزەل تاغلىق ئورمان ۋە كۆل، يايلاقتىن تەركىب تاپقان داڭلىق ساياھەت رايونى. كۆلنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 30 كىلومېتىر، كۆلىمى 454 كىۋادرات كىلومېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 86 مېتىر كېلىدۇ. كۆل سەل تۇخۇمسىمان شەكىلدە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2073 مېتىر، سۇ سىغىمچانلىقى 21 مىليارد كۇپ مېتىر بولۇپ، شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئېگىز تاغ باغرىدىكى سوغۇق سۇ كۆلى ھىسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى