باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاۋسترىيەدە ماۋتخاسىن جازا لاگىرى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى خاتىرىلەندى

2016.05.16 16:21   مەنبە: خەلق تورى

ئاۋسترىيەدە ماۋتخاسىن جازا لاگىرى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى خاتىرىلەندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ماي، ئاۋسترىيەنىڭ ئاۋسترىيە ئىشتاتىدىكى ماۋتخاسىن جازا لاگىرىدا، ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاھالىلەر خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  شۇ كۈنى ناتسىستلارنىڭ ئاۋسترىيە چېگراسى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ جازا لاگىرى بولغان «ماۋتخاسىن جازا لاگىرى» ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 71 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ئاۋسترىيە ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 6000 دىن كۆپرەك كىشى قاتناشتى.

  ئاۋسترىيە ماۋتخاسىن جازا لاگىرى ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ ئەينى چاغدا چېگرا سىرتىدا قۇرغان بىرىنچى جازا لاگىرى بولۇپ، 1938-يىلى 8-ئايدا قۇرۇلغاندىن باشلاپ 1945-يىلى 5-ئايدا ئىتتىپاقداش ئارمىيە ئازاد قىلغانغا قەدەر بۇ يەردە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 200 مىڭ ئەتراپىدىكى ئاۋسترىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن فاشىستلارغا قارشى زاتلار، يەھۇدىيلار، ئۇرۇش مەھبۇسلىرى ۋە گۇناھسىز پۇقرالار قامالغان.

  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ يەر خاتىرە سارىيى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ھەر يىلى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 240 مىليون يۈەن…
      ·شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتات بېرىلمىگەن ئورۇنلارغا 65 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، مائاشى 4~5 …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەر قايسى ھالقىلار بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ…
      ·قازاقىستاندا فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە كۈنى تەبرىكلەندى
      ·2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلىرىغا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىل…
      ·2016-يىللىق دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانى پىلانىدا ئۈچ تۈرلۈك ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىش ۋە ئىگىلىۋېل…
      ·گوۋۇيۈەن مەكتەپتە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بىۋاسىتە قاراشلىق سەككىز ئالىي مەكتەپ ۋە سەككىز ئورۇندا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قان…
      ·جىنەندە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم پۇتبول چوڭ تەنەپپۇسى ياكى دەرست…