خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت يولۋاس خەۋىرى، فوتوسى) پوسكام ناھىيەسى بۇيلۇق تاجىك مىللىي يېزىسىنىڭ ھېسچىغ كەنتى بىلەن ئۆڭكۈرتاش كەنتىدىكى تاجىك، ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق ھەر مىللەت ئاممىسى بۇلتۇر 5 -ئايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، ھەرقايسى مىللەتلەر بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ۋە دوستلۇق ئورنىتىش پىلاكاتىغا بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، بىر-بىرىگە خاتىرە بويۇمى تەقدىم قىلغان ئىدى. بىر يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەتتىن تەركىب تاپقان خەلق ئاممىسى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئائىلىسىدىكى توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدىن خەۋەر تاپسىلا باردى-كەلدى قىلىشىپ، توي-تۆكۈن ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، خۇشاللىقنى بىرلىكتە قۇتلۇقلىدى. ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، بىر-بىرىگە تەسەللى بەردى. روزى ھېيت، قۇربان ھېيت، چاغان قاتارلىق ھېيت-بايراملاردا بىر-بىرىنى پەتىلىشىپ، ھېيت-بايراملارنى قۇتلۇقلاپ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپ، «بەشتە ئۆز-ئارا بولۇش»تىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا قولغا كەلگەن يۇقىرىقىدەك بىر قاتار نەتىجىلەرنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بۇيلۇق تاجىك مىللىي يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى 5-ئاينىڭ 13 -كۈنى ئۆڭكۈرتاش كەنتى قورۇسىدا ھېسچىغ كەنتى بىلەن ئۆڭكۈرتاش كەنتىدىكى تاجىك، ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق ھەر مىللەت ئاممىسى ۋەكىللىرىدىن 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ يار-يۆلەكتە بولۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان سۆھبەت يېغىنى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، گۈزەل يۇرت-ماكان بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش پىكىر يوللىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى ھەم بۇ ئىككى كەنتتىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. سۆھبەت يىغىنىدا ھېسچىغ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى سايىپ تۇردىمەت بىلەن ئۆڭكۈرتاش كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى ما شۇشياۋ قاتارلىقلار بىر-بىرىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە سىمۋول قىلىنغان لەۋھە تەقدىم قىلىشتى، تۇرۇپ نىياز، داڭ جيەنفۇ قاتارلىق 100دىن ئارتۇق تاجىك، ئۇيغۇر، خەنزۇ دېھقانلار بىرى-بىرىگە دوستلۇق، ھەمكارلىققا سىمۋول قىلىنغان سوۋغات بۇيۇملىرىنى تەقدىم قىلىشتى. ئارقىدىنلا سۆھبەت يېغىنىغا قاتناشقان ھەرمىللەت ئاممىسى ۋەكىللىرى ئۆڭكۈرتاش كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق تاجىك دېھقان ئەيسا ئەخلەتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئەيسا ئەخلەت تەييارلىغان پولۇ، شورپا قاتارلىق دوستلۇق تامىقىغا داخىل بولۇشتى .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى