باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قەشقەردىكى ئەدىبلەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2016.05.16 15:43   مەنبە: خەلق تورى

قەشقەردىكى ئەدىبلەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

  سۈرەتتە: ئەدىبلەر گۈزەل-سەنئەت كوچىسىدا

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى) 15- ماي، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، قەشقەر شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 40 نەپەر ھەر مىللەت يازغۇچى-شائىر، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ۋەكىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ قەدىمىي شەھەر رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  7 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان دۆلەتنىڭ بۇ «ئەل رايى» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى قەدىمىي شەھەر رايونىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىش-يېڭىلىقلار، قەشقەر قەدىمىي كوچىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەت زىچ گىرەلەشتۈرۈلۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان يېڭىچە قىياپىتى، خەلقنىڭ تۇرالغۇ ۋە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.ئەدىبلەر ئالدى بىلەن قەشقەر قەدىمىي شەھەر دەرۋازىسىدا، شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىنى كۆردى، ئاندىن كېيىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ تەشتەك بازىرى، ئارىيا يولى، كەتمەن بازىرى، ياغ بازىرى، دوپپا-تۇماق بازىرى، ئوردا ئالدى، ھېيتگاھ مەيدانى، قەدىمىي شەھەر كۆرگەزمىخانىسى، ئۆستەڭبويى باغ كوچىسى، باغچە كوچا گۈزەل-سەنئەت رەستىسى، ئاتۇش كوچىسى، موفاڭ كوچىسى، مىللىي قول ھۈنەر-سەنئەت كوچىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئامما بىلەن سىرداشتى. ئاندىن قەشقەر «قۇدبىلىگ» كۇتۇپخانىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  ئۆستەڭبويى كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ئابلىمىت ئابدۇكېرىم قەدىمىي شەھەر رايونىدىكى خەتەرلىك كونا ئۆيلەرنى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئەھۋال چۈشەندۈردى، مېھرىگۈل ھۈسەيىن، ئابدۇراخمان ئېزىز ئوغلى، ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى قاتارلىق يازغۇچى، شائىر ۋەكىللىرى بۈگۈنكى ئېكسكۇرسىيە-زىيارەتتىن ئالغان تەسىراتىنى سۆزلىدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغۇچى، شائىرلاردىن قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر تەسۋىرلەنگەن نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىشنى تەلەپ قىلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پاشاگۈل سەدىردىن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 2016- يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم قەشقەردىكى ھەرمىللەت ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرىدىن يىل ئاخىرىغىچە قەشقەر كۈيلەنگەن ياخشى بىر پارچە ناخشا، ياخشى بىر پارچە ئەدەبىي كىتاب ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئاخىرىدا ئەدىبلەر قەشقەر «قۇدبىلىگ» كۇتۇپخانىسىنى قۇرغۇچى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۇتۇپخانىنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش، ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ھەققىدە پىكىرلەشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 240 مىليون يۈەن…
      ·شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتات بېرىلمىگەن ئورۇنلارغا 65 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، مائاشى 4~5 …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەر قايسى ھالقىلار بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ…
      ·قازاقىستاندا فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە كۈنى تەبرىكلەندى
      ·2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلىرىغا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىل…
      ·2016-يىللىق دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانى پىلانىدا ئۈچ تۈرلۈك ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىش ۋە ئىگىلىۋېل…
      ·گوۋۇيۈەن مەكتەپتە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بىۋاسىتە قاراشلىق سەككىز ئالىي مەكتەپ ۋە سەككىز ئورۇندا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قان…
      ·جىنەندە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم پۇتبول چوڭ تەنەپپۇسى ياكى دەرست…