خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋەر قىلىدۇ) 15 - ماي چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 9 - ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1:2 نەتىجىدە بىلەن بېيجىڭ «رېنخې» كوماندىسىنى يەڭدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى