خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي ماڭگو خۇيۈ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2016-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى ھەم جۇڭگو ئاپتوموبىل لەۋھە تالىشىش دالا مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ بېكىتى مۇسابىقىسى 15-ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12:00 دە چۆچەك شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى.بۇ نۆۋەتلىك تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى چۆچەك شەھىرىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدە ئاخىرلىشىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە يەتتە موتوسىكلىت ئەترىتىگە ۋەكىل بولۇپ 14 موتوسىكلىت ماھىرى؛ 45 ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ۋەكىل بولۇپ 103 ئاپتوموبىل ماھىرى قاتنىشىدۇ. ماھىرلار 15 كۈن جەريانىدا 11 مۇسابىقە بۆلىكىدە مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. بۇ قېتىملىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 5000 كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكى 2600 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ ماھىرلار ۋە مۇسابىقە تەشكىللىگۈچىلەرگە نىسبەتەن زور سىناق ھېسابلىنىدۇ.
شۇ كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇنۇن كېرەم تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى سارخىت ئاخان، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، چۆچەك شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ يەن، خەلقئارا ئاپتوموبىل بىرلەشمىسى دالا ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاپتوموبىل گوروھى ئاپتوموبىل ۋە موتوسىكلىت ھەرىكىتى تەرەققىيات شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خې جيەندوڭ قاتارلىق مېھمانلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى