باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ «تۇرۇبا يولى تېز پويىزى» ئىتتىرگۈچ سىستېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سىنىقى مۆلچەردىكىدەك بولدى

2016.05.13 17:00   مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكىنىڭ «تۇرۇبا يولى تېز پويىزى» ئىتتىرگۈچ سىستېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سىنىقى مۆلچەردىكىدەك بولدى

  سۈرەتتە: 11-ماي، ئامېرىكىنىڭ نېۋادا ئىشتاتىدا تارتىلغان «سۇپىر قايتما ئىتتىرىش سىستېمىسى» سىناق قۇرۇلمىسى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا «سۇپىر قايتما 1-نومۇر» شىركىتى 11-ماي غەربتىكى نېۋادا ئىشتاتىدىكى قۇملۇقتا تۇنجى قېتىم «سۇپىر قايتما تېخنىكىسى»دىكى ئىتتىرىش سىستېمىسىغا قارىتا ئاشكارا سىناق ئېلىپ باردى، سىناق نەتىجىسى مۆلچەردىكىدەك بولدى. پەن-تېخنىكا «تەلۋىسى» ئېلون ماسك ئوتتۇرىغا قويغان سۇپىر تېز سۈرئەتلىك تۇرۇبىلىق توشۇش چۈشى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتى. ئامېرىكا ئالەم ئىزدىنىش تېخنىكىسى شىركىتى ۋە تېسلا ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېلون ماسك 2013-يىلى «سۇپىر قايتما» تىرانسپورت سىستېمىسى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماسكنىڭ ئېلان قىلغان دەسلەپكى لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ سۇپىر تېز سۈرئەتلىك سىستېما قوش يۆنىلىشلىك تۇرۇبا ۋە تىرانسپورت بۆلۈمچىسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تىرانسپورت بۆلۈمچىسىنىڭ يۈرگەندىكى سائەتلىك تېزلىكى 1200 كېلومېتىر (سېكونتىغا 311 مېتىر)غا يېتىدىكەن، بۇ بەزى خەلق ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇش سۈرئىتى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتات بېرىلمىگەن ئورۇنلارغا 65 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، مائاشى 4~5 …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەر قايسى ھالقىلار بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ…
      ·قازاقىستاندا فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە كۈنى تەبرىكلەندى
      ·2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلىرىغا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىل…
      ·2016-يىللىق دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانى پىلانىدا ئۈچ تۈرلۈك ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىش ۋە ئىگىلىۋېل…
      ·گوۋۇيۈەن مەكتەپتە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بىۋاسىتە قاراشلىق سەككىز ئالىي مەكتەپ ۋە سەككىز ئورۇندا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قان…
      ·جىنەندە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم پۇتبول چوڭ تەنەپپۇسى ياكى دەرست…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: 2016-يىلى نامرات رايونلاردىن يۆنىلىشلىك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش مەخسۇس تۈر پىلان…