خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ماي، ئارتىسلار رېئودى ژانېيرو ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى، مېيىپلار ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئورگان تەرەپ خىزمەت كىيىمىنى نامايان قىلماقتا.
شۇ كۈنى رېئودى ژانېيرو ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى، مېيىپلار ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئورگان تەرەپ خىزمەت كىيىمى «سامبا شەھىرى» رەسمىي ئېلان قىلىندى. جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ماركىسى «361» ئورگان تەرەپ قوللىغۇچى شىركەت پىدائىيلار، تېخنىكلار، ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسابىقە مۇلازىمەتچى خادىملىرىنى ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى كىيىمى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى