خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى يۇقارقى تاغ ساياھەت رايونىدا قار ياغدى! نۇرغۇن كىشىلەر تېخى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە ياغقان يامغۇرنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقاندا، يۇقارقى تاغ ساياھەت رايونىدا قار لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقانىدى. يۇقارقى تاغ ساياھەت رايونىنىڭ خادىمى تەن چىڭچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 10-مايدىن باشلاپ يامغۇر يېغىشقا باشلىغان بولۇپ، كېچىدە يامغۇر ئارىلاش قارغا ئايلانغان، كەچ سائەت 10 ئەتراپىدا قار يېغىشقا باشلىغان. 11-ماي سەھەردە، پۈتكۈل مەنزىرە رايونىنى ئاپئاق قار قاپلىغان. 11 - ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 يېرىمغىچە، يۇقارقى تاغ ساياھەت رايونىنىڭ ئاسمىنىدا يەنە قار ئۇچقۇندىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى