باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جاڭ چۈنشيەن ئالتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، چېگرانى مۇستەھكەملەشنى نۇقتىلىق ئورۇنغا قويۇش كېرەك

2016.05.12 16:15   مەنبە: خەلق تورى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، چېگرانى مۇستەھكەملەشنى نۇقتىلىق ئورۇنغا قويۇش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن 9 – مايدىن 11 – مايغىچە ئالتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش››تەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەۋزەللىكنى كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈش، خاسلىق شەكىللەندۈرۈش، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلىش، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسىدىن بولۇش››تىن ئىبارەت كونكرېت يۆنىلىشنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ئالتاينى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى جىمىنەي ناھىيەسى، قابا ناھىيەسى، بۇرچىن ناھىيەسى، ئالتاي شەھىرىگە بېرىپ، ئاپتوموبىل بىلەن چېگرا لىنىيەسىنى بويلاپ مېڭىپ مەھەللە، چارۋىچىلارنىڭ ئۆيى، قاراۋۇلخانا، ليەن – دۈي، كارخانىلارغا كىرىپ، چېگرا ئاھالىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ كادىرلار، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن 11 – ماي چۈشتىن بۇرۇن، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە، ئالتاي شۆبە ھەربىي رايونى، بىڭتۈەن 10 – شىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالتاي چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەش خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئالتايدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇزاقتىن بۇيان چېگرادا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، چېگرانى قوغداپ كەلدى، ئۇلارنىڭ چېگرانى قوغداش ئېڭى كۈچلۈك بولۇپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

  جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئۇزاق مۇددەت چېگرا مۇداپىئەسى 1 – سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان كادىرلار، ئامما ۋە بىڭتۈەن ئىشچى – خىزمەتچىلىرى، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  جاڭ چۈنشيەن ئالتاينىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇنداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  ‹‹يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش››تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەۋزەللىكنى كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈش، خاسلىق شەكىللەندۈرۈش، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلىش، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسىدىن بولۇش››تىن ئىبارەت كونكرېت تەرەققىيات يۆنىلىشىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، بۇ پاكىز تۇپراقنى ياخشى قوغداش؛ ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكى، قېزىلما بايلىق ئەۋزەللىكى، سۇ بايلىقى ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىلگەن پورت ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ خاسلىقنى شەكىللەندۈرۈپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۈرۈپ، مىللەتلەر مەدەنىيىتى، يەرلىك ئۆرپ – ئادەتلەرنى چۆرىدەپ شىمالىي شىنجاڭدىكى خاسلىققا ئىگە شەھەر – بازار بەرپا قىلىپ، خاس مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئۆرپ – ئادەتلىرى ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ياخشى ساقلاش كېرەك.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ‹‹ئالتە بىر گەۋدە›› چېگرا مۇداپىئە باشقۇرۇش – تىزگىنلەش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەۋقەنى چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشكە قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش؛ خەلق ئۇرۇشى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۈرۈپ، بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش، بىرلەشمە تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، چېگرانى باشقۇرۇش – تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ‹‹ئالتە بىر گەۋدە›› مېخانىزمىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ ئادەم كۈچى، تېخنىكا كۈچى، ماددىي كۈچ ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

  ئالتاي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. مۇقىملىقتا تۆۋەن چەكنى ساقلاش، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ھەر مىللەت خەلقى ئىناقلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەش، ئاجىز نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىش، دېلو مىساللىرى ئارقىلىق تەربىيەلەش، خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلىشىش، قان – قېرىنداشتەك ئۆتۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ياخشى تەجرىبىلەر، ياخشى ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى››دىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ‹‹تۆتتە كۈچلۈك››، ‹‹ئۈچ ئىقتىدار››غا ئىگە ياخشى كادىرلاردىن بولۇش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە، پىسخىكا جەھەتتە كۈچلۈك بولۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق تۈرلۈك ئىشلارنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، يەنە كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ‹‹2+5›› بازا قۇرۇلۇشى، جىمىنەي ناھىيەسىنىڭ توپتېرەك بازىرى ساۋۇر مەھەللىسىدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈردى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنى يوقلىدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايون رەھبەرلىرىدىن پېڭ يۇڭ، شيۇڭ شۈەنگو، پېڭ جيارۇيلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتات بېرىلمىگەن ئورۇنلارغا 65 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، مائاشى 4~5 …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەر قايسى ھالقىلار بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ…
      ·قازاقىستاندا فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە كۈنى تەبرىكلەندى
      ·2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلىرىغا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىل…
      ·2016-يىللىق دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانى پىلانىدا ئۈچ تۈرلۈك ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىش ۋە ئىگىلىۋېل…
      ·گوۋۇيۈەن مەكتەپتە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بىۋاسىتە قاراشلىق سەككىز ئالىي مەكتەپ ۋە سەككىز ئورۇندا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قان…
      ·جىنەندە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم پۇتبول چوڭ تەنەپپۇسى ياكى دەرست…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: 2016-يىلى نامرات رايونلاردىن يۆنىلىشلىك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش مەخسۇس تۈر پىلان…