باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

دېڭ يوڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر قېرىندىشىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى

2016.05.12 15:33   مەنبە: خەلق تورى

دېڭ يوڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر قېرىندىشىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) «بۇ شاخنى چوقۇم چاتىۋېتىشىمىز كېرەك، بولمىسا كۈزدە مېۋە بەرگەندە، بۇ شاخنىڭ ھوسۇلغا كۆپ تەسىرى بولىدۇ». 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى كۆكيار كوچا ئىش باشقارمىسى قىزىل بايراق مەھەللىسى باغ-ئورمانچىلىق 1-مەيدانىدىكى باغۋەن دېڭ يوڭ بىلەن مەمەت ئىسلام باغدا مېۋىلىك دەرەخلىرىنى چاتاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ ئىككى قەدىناس ئاغىنىلەر بۇ كەنتتىكى بېيىش ئۈلگىلىرى بولۇپ، ئىككى ئائىلىنىڭ 20 يىلدىن بۇيانقى چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىگە ھەممە كىشىنىڭ ھەۋىسى كېلىدۇ.

  1996-يىلى، دېڭ يوڭ سىچۈەندىن ئاقسۇ شەھىرى كۆكيار كوچا ئىش باشقارمىسى قىزىل بايراق مەھەللىسى باغ-ئورمانچىلىق 1-مەيدانىغا كەلگەندىن باشلاپ، مەمەت ئىسلام بىلەن قوشنا بولۇپ قالدى. سىچۈەنلىكلەرنىڭ ئەمگەكچان، ئاقكۆڭۈللۈكى ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوست، سەمىمىيلىكى بىلەن بۇ ئىككى ئائىلە ئىنتايىن ئىناق ئۆتۈپ كەلگەن بولۇپ، بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنى ھەقىقىي ئايرىلماس ئەل-ئاغىنىلەردىن قىلىۋەتكىنى بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن قاتناش ھادىسىسى ئىكەن.

  2009-يىلى، دېڭ يوڭ قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادىسى بىلەن باغ-ئورمانچىلىق كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، مول ھوسۇلمۇ شۇنىڭغا قاراپ ئېشىشقا باشلىدى. دېڭ يوڭ مېۋە-چىۋىلىرىنىڭ قىشتىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ، ئەتىيازلىق بازارغا ئۆلگۈرۈشىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېنىدىكى مەبلىغى بىلەن بىخەتەر ئىسكىلات ياساشنى باشلىدى. مەبلەغنىڭ ئەڭ جىددىي ۋاقىتلىرىدا، قوشنىسى مەمەت ئىسلام قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ، تۆۋەنكى جاغ سۆڭىكىنى پولات چىۋىق تىشىۋەتكەن بولۇپ، يۈز قىسمى تىتىلىپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئىدى. ئەسلىدىنلا ھال-كۈنى ياخشى بولمايۋاتقان مەمەت ئىسلام ئائىلىسى ئۈچۈن بۇ ئىش ئوت ئۈستىگە ماي قۇيغاندەك ئىش بولدى. مەمەت ئىسلامنىڭ خوتۇنى تۇرسۇننىساخان ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئۇيغۇرلاردا يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشناڭ ياخشى دەيدىغان گەپ بار، دەپ يەنىلا دېڭ يوڭنى ئىزدەپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى. دېڭ يوڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئىككىلەنمەستىن مەمەت ئىسلامنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن 15 مىڭ يۈەن بېرىپ تۇردى. شۇ ئىشتىن كېيىن، مەمەت ئىسلام ئائىلىسىدىكىلەر دېڭ يوڭنىڭ ئاشۇ چاغدىكى ياردىمىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئويلىغان بولسىمۇ، دېڭ يوڭ ئۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ياردەم قىلمىسام مېنىڭ ۋىجدانىم ھەرگىز كۆتۈرمەيدۇ، جاننى قۇتقۇزۇش ھەممىدىن مۇھىم، دەپ مەمەت ئىسلامنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بەردى.

  دېڭ يوڭ بىلەن مەمەت ئىسلام ئىككىلىسىنىڭ مېۋىلىك بېغى بار بولۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئۇلار ئۆز-ئارا ياردەم بېرىپ، ھەرقانچە ھېرىپ چارچىسىمۇ ۋايسىمايتتى، مەمەت ئىسلام گەرچە شۇنچە ئەجىر قىلغان بولسىمۇ، مەھسۇلات مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئەمەس ئىدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا دېڭ يوڭ مەمەت ئىسلامنىڭ بېغىنى ئۆزىنىڭكى بىلەن بىرلىكتە پەرۋىش قىلىپ، ئىلغار سورت يېتىشتۈرۈپ چىقتى. باغدىن ھوسۇل ئالغاندا، ئۆزىنىڭ ئالما، نەشپۈتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوراپ قاچىلاپ ساتتى، شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە يىلىغا ئارانلا 30 مىڭ يۈەن كىرىم بولىدىغان 11 مو بېغى بىراقلا 70 مىڭ يۈەنگە چىقتى. بۇ ئىشتىن مەمەت ئىسلامنىڭ ئاغزى قۇلقىغا يەتتى. ھازىر مەمەت ئىسلاممۇ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

  دېڭ يوڭنىڭ ئوغلى دېڭ يى بىلەن مەمەت ئىسلامنىڭ ئوغلى مەرداننىڭ دوستلۇقىمۇ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش ئىنتايىن مەردانە ئىدى. ھازىر بۇ كىچىك ئاغىنىلەر بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى مەكتەپكە بىللە بېرىپ-كېلىپ، بىللە ئۆگىنىش قىلىدۇ. ئۇلار ئۆگىنىشتە رىقابەتچى بولسا، تۇرمۇشتا ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتات بېرىلمىگەن ئورۇنلارغا 65 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، مائاشى 4~5 …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەر قايسى ھالقىلار بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ…
      ·قازاقىستاندا فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە كۈنى تەبرىكلەندى
      ·2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلىرىغا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىل…
      ·2016-يىللىق دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانى پىلانىدا ئۈچ تۈرلۈك ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىش ۋە ئىگىلىۋېل…
      ·گوۋۇيۈەن مەكتەپتە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بىۋاسىتە قاراشلىق سەككىز ئالىي مەكتەپ ۋە سەككىز ئورۇندا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قان…
      ·جىنەندە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم پۇتبول چوڭ تەنەپپۇسى ياكى دەرست…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: 2016-يىلى نامرات رايونلاردىن يۆنىلىشلىك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش مەخسۇس تۈر پىلان…