باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەلگە نەپ بېرىۋاتقان‹‹ئەپەندىم›› تىز تاماقخانىسى

2016.05.10 17:23   مەنبە: خەلق تورى

ئەلگە نەپ بېرىۋاتقان‹‹ئەپەندىم›› تىز تاماقخانىسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) مۇخبىر يېقىندا، پوسكام ناھىيەسىدىكى 100دىن ئارتۇق تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەلخانىسىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان 500دىن ئارتۇق ھەر مىللەت بىمارلىرىنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىلىقىنىڭ ھەقسىز بېرىلىۋاتقانلىقى، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ساخاۋەت ئىگىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىگەندە پوسكام ناھىيەلىك ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى ئۇدۇلىدىكى ‹‹ئەپەندىم››تىز تاماقخانىسىغا كىرگەندە، ئاشخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى، 100دىن ئارتۇق تازىلىق ئىشچىسىنىڭ بەھۇزۇر ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىۋاتقانلىقىنى، ‹‹ئەپەندىم››تىز تاماقخانىسىنىڭ غوجايىنى قاسىمجان تۇرسۇننىڭ تازىلىق ئىشچىلىرىغا چاي قۇيۇپ، تاماق تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ‹‹ئەپەندىم ››تىز تاماقخانىسى 2014-يىلى 12-ئايدا ئېچىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە بولغان ئىككى يىلغا يېقىن جەريانىدا، ناھىيە تەۋەسىدىكى 100دىن ئارتۇق ھەرمىللەت تازىلىق ئىشچىلىرىنى ھەركۈنى ئەتىگەن ئىزچىل ھەقسىز ناشتىلىق بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەلخانىسىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان 450دىن 500گىچە ھەر مىللەت بىمارلىرىنىمۇ ئەتىگەندە ھەقسىز ناشتىلىق بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.

  مۇخبىر زىيارەت ئاخىرىدا، ‹‹ئەپەندىم››تىز تاماقخانىسىنىڭ غوجايىنى قاسىمجان تۇرسۇندىن تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە بىمارلارغا ھەقسىز ناشتىلىق بېرىشنى قاچانغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، پەقەت ئاشخانا تاقىلىپ قالمىسىلا ناھىيەدىكى مۇھىت ئاسرىغۇچى تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان ھەر مىللەت بىمارلىرىغا ھەر كۈنى ئەتىگەندە ھەقسىز ناشتىلىق بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  سۈرەتتە : ‹‹ئەپەندىم››تىز تاماقخانىسىنىڭ غوجايىنى قاسىمجان تۇرسۇن تازىلىق ئىشچىلىرىغا ھەقسىز ناشتىلىق بەرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلىرىغا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىل…
      ·2016-يىللىق دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانى پىلانىدا ئۈچ تۈرلۈك ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىش ۋە ئىگىلىۋېل…
      ·گوۋۇيۈەن مەكتەپتە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بىۋاسىتە قاراشلىق سەككىز ئالىي مەكتەپ ۋە سەككىز ئورۇندا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قان…
      ·جىنەندە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم پۇتبول چوڭ تەنەپپۇسى ياكى دەرست…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: 2016-يىلى نامرات رايونلاردىن يۆنىلىشلىك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش مەخسۇس تۈر پىلان…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى سەككىز ئۆلكىنىڭ مىللىي مائارىپ خىزمىتىگە نازارەت…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشىغا ئار…
      ·1538 كىشى  12-نۆۋەتلىك سۇڭ چىڭلىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى نامزاتلىرى تىزىملىكىگە كىردى