خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى،فوتوسى) چەرچەن ناھىيەسىدە «8-ماي ئانىلار بايرىمى » مۇناسىۋىتى بىلەن چەرچەندىكى مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى ناھىيەلىك قاش شەھەر مېھمانسارىيىدا ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتىنىڭ 300دىن ئارتۇق ئەزاسى، بېلىم، ئۈمىد، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللېكتىپى چەرچەن تارماق ئەترىتى ۋە ئۈمىد ساخاۋەتچىلىكى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى. پائالىيەتتە كۆيۈمچان ئانىلار، كۆيۈمچان قېيىنئانا، كۆيۈمچان كېلىن، كۆيۈمچان قىز قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئاياللار مۇكاپاتلاندى ھەم ناخشا - ئۇسۇل، ئېتۇت قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندىلىپ، پائالىيەت كەيپىياتى ئەۋجىگە چىقتى.
ئىگىلىنىشىچە، چەرچەن مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى 2012-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئەزاسى 600گە يەتكەن، بۇ جەمئىيەت قۇرۇلغان تۆت يىل جەريانىدا ئەزالاردىن 156 مىڭ يۈەن يىغىلىپ، ناھىيە تەۋەلىكىدىكى نامرات ئائىلە، ئېغىر كېسەل، مېيىپلار، ئائىلىسى نامرات ۋە يېتىم -يېسىر ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلاردىن 389 ئادەم (قېتىم) غا ياردەم قىلىنغان.
سۈرەتتە: تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى