خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نۇربىيە توختى، تۇقىز ئەمەت خەۋىرى، فوتوسى) 7-ماي چۈشتىن بۇرۇن، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى» بويىچە ئېلىپ بېرىلغان سەييارە لېكسىيە پائالىيىتى ئونسۇ ناھىيەلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
‹‹ئاقسۇ گېزىتى›› ئىدارىسىدىن يولداش باتۇر رەھمىتۇللا ھەر قايسى مىللەتلەر ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ئېجىل-ئىناق، دوستانە ئۆتۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات ۋە تۇرمۇش مۇساپىسىدىكى خىزمەت، ئۆگىنىش، تۈرلۈك تىرىكچىلىك يولى جەريانىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېلودىيەسىنى ھەر ۋاقىت كۈچلۈك ياڭرىتىپ، ئانا ۋەتەن تۇپرىقىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ۋە ناھىيەمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان شەرەپلىك پۇقرالاردىن بۇلۇش توغرىسىدا نەزەرىيەۋى ئاساسى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، ئىلمىي قىممىتى ۋە تەربىيەۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى لېكسىيە سۆزلىدى.
بۇ قېتىمقى لېكسىيەگە ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا ئونسۇ بازىرىدىكى كەڭ ئامما بولۇپ 900 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك لېكسىيە مەزمۇنلىرى ناھىيەمىزدىكى كەڭ ئىلىم تەشنالىرىغا مول روھىي قۇۋۋەت ۋە روھىي ئوزۇق ئاتا قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى