خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئۇبۇل خەۋىرى) 5-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي مۇزىكا ئۆمىكىدىكىلەر «‹تۆت بىر › مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش- ئويۇن قويۇش پائالىيىتى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىنىڭ قۇرۇل كەنتى ۋە توخۇلا كەنتىدە ئويۇن قويدى. چولپانلارنى نەق مەيداندا يېقىن ئارىلىقتىن كۆرگەن دېھقانلار شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ، ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.
سۈرەتتە: ئويۇن قۇيۇش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى