باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تۇنجى قېتىملىق «ئوغلانلار» چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىرى مەيدانغا كەلدى

2016.05.06 15:33   مەنبە: خەلق تورى

تۇنجى قېتىملىق «ئوغلانلار» چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىرى مەيدانغا كەلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ماي، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىدىن كەلگەن ماھىر ئابدۇللا ھوشۇر 85 كىلوگرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بويىچە چېمپىيون بولۇپ، شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئوغلانلار» چېلىشىش چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ « چېلىشىش شاھى» بولدى. شۇ كۈنى، تۆت كۈن داۋاملاشقان تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ «ئوغلانلار» چېلىشىش چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك مۇسابىقىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىن كەلگەن 22 كوماندىنىڭ 200 دىن ئارتۇق چېلىشىش تەنھەرىكەت ماھىرى قاتناشتى. ئۇلار مۇسابىقىدە بەس-بەس بىلەن ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. تۆت كۈن كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق،55-65 كىلوگراملىقلار بويىچە، 65-75 كىلوگراملىقلار بويىچە، 75-85 كىلوگراملىقلار بويىچە، 95-85 كىلوگراملىقلار بويىچە، 95 كىلوگرامدىن يۇقىرىلار بويىچە 1 -، 2-، 3- دەرىجىلىكلەر مەيدانغا كەلدى. تەنھەرىكەتچىلەر ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدال، مىس مېدالغا ۋە 3000 يۈەن، 2000 يۈەن، 1000 يۈەن ھەم شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى.

  ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق، 85 كىلوگرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر، 85 كىلوگىرامدىن تۆۋەن دەرىجىلىكلەر چېمپىيونى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىكلەر بارلىققا كەلدى. قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىدىن كەلگەن ماھىر ئابدۇللا ھوشۇر 85 كىلوگرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بويىچە چېمپىيون بولدى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن ماھىر ئابدۇشۈكۈر 85 كىلوگىرامدىن تۆۋەن دەرىجىلىكلەر چېمپىيونى بولدى، چېمپىيونلارغا مۇكاپات لوڭقىسى، گۈل ۋە مۇكاپات پۇلى 10 مىڭ يۈەن ، 4000 يۈەن، 2000 يۈەن تارقىتىلدى.

  مۇسابىقىدە يەنە ئۈچ مۇنەۋۋەر رېپىر ۋە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە كوللېكتىپ ئومۇمىي نومۇردا بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى بولغان ئۈچ كوماندا باھالاپ چىقىلدى ھەم ئۇلارغا گۇۋاھنامە ۋە لەۋھە تارقىتىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىملىق شىنجاڭ «ئوغلانلار» چېلىشىش چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن تۆت كۈندە تاماشىبىنلار سانى 126 مىڭ ئادەم (قېتىم) گە يەتكەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋە تاماشىبىنلار يوپۇغا خەلقىنىڭ قىزغىنلىقى، چېلىشىش تەنھەرىكىتىنى قىزغىن سۆيۈش روھىدىن تەسىرلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى سەككىز ئۆلكىنىڭ مىللىي مائارىپ خىزمىتىگە نازارەت…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشىغا ئار…
      ·1538 كىشى  12-نۆۋەتلىك سۇڭ چىڭلىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى نامزاتلىرى تىزىملىكىگە كىردى 
      ·بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇشقا 705 كىشى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش خى…
      ·جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
      ·جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان مائارىپ ۋە ئىلىم–پەن تەتقىقات مەركىزى قۇردى
      ·ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ 3-قېتىملىق «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى يولغا قويۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىراكتىكا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئوخشاش ئورۇندىكىلەرنىڭ سىناق مەز…
      ·بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ