باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىتتىپاق مەھەللىسىدىكى بەختلىك تۇرمۇش

2016.05.06 14:06   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئىتتىپاق مەھەللىسىدىكى بەختلىك تۇرمۇش

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى: باھارگۈل ئەمەت ئىتتىپاق مەھەللىسىدىكى مەھەللە كادىرى بولۇپ، خىزمەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى، ئاھالىلەرگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئىتتىپاق مەھەللىسىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن ئىدى.

  ياشانغان ئەر-ئايال ۋاڭ چيۇلىن ۋە ۋاڭ خۇييىڭ ئىتتىپاق يولى ئىتتىپاق مەھەللىسى دوڭيۈەن ئاھالىلەر كومىتېتىدا تۇرۇۋاتقىلى 15 يىل بولغان بولۇپ، ۋاڭ چيۇلىن 88 ياش، ۋاڭ خۇييىڭ 79ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇلار ياشىنىپ قالغان بولغاچقا تۇرمۇشتا نۇرغۇن قولايسىزلىقلار ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. باھارگۈل ئەمەت ئاھالىلەرنى يوقلاش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، ياشانغانلار تولۇقلىمىسىنى ئۇلارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بەردى. ھەمدە ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسى بېجىرىپ بەردى.

  «بەزىدە، سىرتقا مال سېتىۋالغىلى چىققاندا، بۇ مەھەللىدىكىلەر مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، مېنىڭ يېشىمنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرۈپ ئۆزلۈكىدىن ماڭا ياردەم بېرىدۇ، ئىتتپاق يولى ئىتتىپاق مەھەللىسى بىزنىڭ چوڭ ئائىلىمىز.» ۋاڭ خۇييىڭنىڭ خاتىرىسىدە مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىچىك، ئەمما ئەمەلىي مىساللار ئىنتايىن كۆپ ئىدى.

  ئاقسۇ شەھىرى ئىتتىپاق يولى ئىتتىپاق مەھەللىسى دوڭيۈەن قورۇسىدا 13 مىڭدىن ئارتۇق ھەرمىللەت ئاممىسى بىللە ياشايدۇ. ئۇلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېلودىيەسىنى ياڭراتماقتا.

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى سەككىز ئۆلكىنىڭ مىللىي مائارىپ خىزمىتىگە نازارەت…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشىغا ئار…
      ·1538 كىشى  12-نۆۋەتلىك سۇڭ چىڭلىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى نامزاتلىرى تىزىملىكىگە كىردى 
      ·بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇشقا 705 كىشى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش خى…
      ·جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
      ·جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان مائارىپ ۋە ئىلىم–پەن تەتقىقات مەركىزى قۇردى
      ·ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ 3-قېتىملىق «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى يولغا قويۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىراكتىكا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئوخشاش ئورۇندىكىلەرنىڭ سىناق مەز…
      ·بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ