باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

توقسۇن ناھىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك كۆكتات بايرىمى باشلاندى

2016.05.04 14:52   مەنبە: خەلق تورى

توقسۇن ناھىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك كۆكتات بايرىمى باشلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭدا تۇنجى باھار. ئىدىقۇتتا ئۆرۈك چېچىكى پەسلى» ۋە 4-نۆۋەتلىك توقسۇن ئۆرۈك چېچىكى بايرام پەسلى ئاياغلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، 2-نۆۋەتلىك توقسۇن كۆكتات بايرىمى 2-ماي توقسۇن ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزىسى جىگدە ئەسلىھەلىك دېھقانچىلىق بازىسىدا باشلاندى. جاي-جايلاردىن كەلگەن نەچچە مىڭ ساياھەتچى بۇ كاتتا يىغىلىشىدا جەم بولۇپ، توقسۇننىڭ يەرلىك كۆكتاتلىرىغا ئېغىز تېگىپ، كۆجەي مەنزىرە رايونىنى تاماشا قىلىشتى. نۇرغۇن سودىگەر بۇ ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سودا ئىشلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا، توقسۇن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى، كىچىك دوستلار ۋە ئەل ئىچى سەنئەتكارلار ساياھەتچىلەر ۋە خەلق ئاممىسىغا بىر مەيدان ئېسىل مىللىيچە ناخشا -ئۇسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ بەردى ۋە قوشقار سوقۇشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، نەق مەيداندىكى ساياھەتچى ۋە ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش خى…
      ·جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
      ·جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان مائارىپ ۋە ئىلىم–پەن تەتقىقات مەركىزى قۇردى
      ·ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ 3-قېتىملىق «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى يولغا قويۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىراكتىكا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئوخشاش ئورۇندىكىلەرنىڭ سىناق مەز…
      ·بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·«ئاپتونوم  رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىم…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى
      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…