خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3 - ماي، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى «ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، كىچىك ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، تىرىشىپ ئىتتىپاقلىق نەمۇنىچىسىدىن بولايلى» ئاساسىي تېما قىلىنغان 100 مەيدان ئىمزا قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
بۇ قېتىمقى 100 مەيدان ئىمزا قويۇش پائالىيىتى تەڭرىتاغ رايونىغا قاراشلىق 100 ئورۇندا بىرلا ۋاقىتتا قانات يايدۇرۇلدى، پائالىيەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم نەق مەيداندا ئىمزا قويۇش ۋە مەدەنىي كىچىك ھەرىكەت پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نەق مەيداندا ئىمزا قويۇش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت مەيدانى تەڭرىتاغ رايونلۇق پارتكوم، رايونلۇق ھۆكۈمەت خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، باشقا 99 تارماق پائالىيەت مەيدانى ئايرىم - ئايرىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى، تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق جايلارغا تەسىس قىلىنغان. «مەدەنىي كىچىك ھەرىكەت»تە ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. مەسىلەن، قوش تىل ئۆگىنىش، قوش تىل ئىشلىتىش، ئەلنەغمە ئۆگىنىش، مىللىيچە ناخشا - ئۇسسۇل ئۆگىنىش، ئەتراپىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ھېكايىلەرنى سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىنىپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى مىللىي مۇناسىۋەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شەھىرى قۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى