خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت ياشلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇشقا يېتەكلەشنى ئاساسىي مەقسەد قىلغان، ياشلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش، ھېسسىيات، ئىگىلىك تىكلىشىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال پىروگرامما «ياشلار ئاۋازى» 30 - ئاپرېلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى، مەزكۇر پىروگراممىنىڭ ئاڭلىتىش ۋاقتى يېرىم سائەت بولۇپ، ھەر شەنبە كۈنى ئاڭلىتىلىدىكەن.
سۈرەتتە: 29 - ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى شۇجىسى ئاينۇر مەقسەت (ئوڭدا) مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىدا رىياسەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى