باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قاراقاش بازىرى ئاياللارغا ماھارەت كۆرسىتىش سورۇنى ھازىرلاپ بەردى

نەمۇنىلىك ئاياللارنى مۇكاپاتلىدى

2016.02.22 15:26   مەنبە: خەلق تورى

قاراقاش بازىرى ئاياللارغا ماھارەت كۆرسىتىش سورۇنى ھازىرلاپ بەردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: غوجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى) 20- فېۋرال، قاراقاش ناھىيەسىدىكى قاراقاش بازىرىنىڭ قاراباغ ئاھالە كومىتېتى قورۇسى ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئامما بىلەن ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى.بۇ يەردە قاراقاش بازىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاياللار تائام مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەنىدى.قاراقاش بازىرىدىكى 22ئاھالە كومىتېتىدىكى چېۋەر ئاياللار تەييارلاپ كەلگەن يەرلىك تائاملار مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلدى. تونۇر كاۋىپىدىن باشلاپ قوناق تائاملىرىغىچە بولغان 35خىل يەرلىك تائاملارنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئالدى. رەھبىرىي كادىرلار ھەم ئامما ۋەكىللىرى تائاملارنى تېتىپ كۆردى، باھالاش گۇرۇپپىسى تائاملارنىڭ تۈرى، رەڭگى، تەمى قاتارلىق ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلىپ ئەستايىدىل باھالىدى. ئويباغ ،قاپاقلا قاتارلىق بەش ئاھالە كومىتېتىدىن كەلگەن قولى گۈل ئاياللارنىڭ قولىدىن چىققان تائاملار 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. قاراقاش بازىرى ئويباغ ئاھالە كومىتېت 3-مەھەللىسىدىن ئالتۇنخان تۇرسۇن مۇنداق دېدى:« مەن بۇ مۇسابىقىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ئەستايىدىل تەييارلىق قىلدىم، مەن ئەتكەن قوناق چۆچۈرىسى (يەرلىك تىلدا: شۇڭگۇتماق) بىلەن قوناق سوقمىقى (قوناق ماتىڭى) 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم! ئىلگىرى بۇنداق مۇسابىقىلەر بولمىغاچقا، ماھارىتىمىز كۆمۈلۈپ قاپتىكەن.مەن بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنىڭ پات-پات ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»ئاخىرىدا«گۈزەللىكتىن گۈلدەستە» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بازار بويىچە 22ئاھالە كومىتېتىدىن تاللاپ چىقىلغان«ئەڭ گۈزەل ئانا»،«ئەڭ گۈزەل تىككۈچى»،«ئەڭ گۈزەل بېيىش ماھىرى» قاتارلىق 10تۈرلۈك ئاياللار گۈزەللىك قۇرۇلۇشىدىكى 40نەپەر نەمۇنىلىك ئايال ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتلاندى.

  پائالىيەتتە يەنە خەلق سەنئەتكارلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، ئاممىغا مەنىۋى ئوزۇق بەخش ئەتتى، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەيپىياتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…