ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدا پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ۋە يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 19-فېۋرال بېيجىڭدا پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتى پارتىيەنىڭ مۇھىم خىزمىتى بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى تىنچ، ئەلنى ئەمىن قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشتۇر. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىدىن چىقىش قىلىپ ئورۇننى بەلگىلەش، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە، خەلقنى مەركەز قىلىش خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئاخباراتنىڭ تارقىتىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇسۇل ۋە ۋاستىدە يېڭىلىق يارىتىش، پارتىيە جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە ئىناۋىتىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى كۆپ قېتىم مۇھاكىمە قىلىپ، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. بۇ قېتىم ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىمۇ جامائەت پىكرى سېپىدىكىلەرنىڭ ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، پائال ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىش ئۈچۈن، «خەلق گېزىتى»، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق مەركەزدىكى ئۈچ ئاخبارات ئورنىغا بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ 19-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن خەلق گېزىتخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. مۇھەررىرلەر بىناسىدىكى كۆرگەزمە تاختىلار ۋە سۈرەتلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «خەلق گېزىتى»گە قىلغان غەمخورلۇقى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، خەلق گېزىتخانىسى بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىلەر نامايان قىلىنغانىدى. شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئۇ «خەلق گېزىتى»نىڭ نەشر قىلىنغان 68 يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. باش مۇھەررىر ئىشخانىسىنىڭ كېچىلىك ئىسمېنا سۇپىسىدا، شى جىنپىڭ مۇھەررىرلەرنىڭ بەت ياساش جەريانىنى كۆردى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلارنى ئەسلىنى ئۇنتۇماي، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، گېزىتنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىپ، مەملىكەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. شى جىنپىڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە كېلىپ، چوڭ ئېكران ئالدىدا مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار، ئابونت خىزمىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى ۋە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى ئارقىلىق ئۈن ئۇچۇرى ئەۋەتىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە پانۇس بايرىمىلىق سالام يوللىدى ۋە تىلەك تىلىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى