خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى 15-فېۋرال، بېيجىڭ كىنو ئۇنىۋېرسىتېتى 2016-يىلى گۈزەل سەنئەت دەسلەپكى ئىمتىھانى باشلاندى، ئىمتىھان مەيدان سىرتىدا چىرايلىق قىز يىگىتلەر توپلانغان.نۇرغۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قاتتىق سوغۇق شامالغا قارىماي مۇددەتتىن بۇرۇن ھەر قايسى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ سىرتىدا ئۆچرەت تۇرۇپ، چۈشتىن بۇرۇنقى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە ئاكتيورلۇق ئىنستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار يەنىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى