سۆرەتتىكىسى ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتىدىكى ئۆيىنىڭ ئاچقۇچى ۋە يەر خېتى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەلەستىندىكى يېشى ئەڭ چوڭ مۇساپىر رەجەب تۇمنىڭ نەزىرىسى 21-يانۋار غەززە رايونىنىڭ شىمالىدا ئۆتكۈزۈلدى، نەچچە ئونلىغان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ئاخىرەتلىكىنى ئۇزاتتى.
رەجەب تۇم 20-يانۋار 128يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، تۇمنىڭ نەۋرىسى مۇھەممەد تۇم: «بوۋام كەتتى، بىراق ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىش ئارزۇسى يەنىلا بار، قايتىش ھوقۇقى بىرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىمىز»، دېدى.
رەجەب تۇم بورسابا (ھازىرقى ئىسرائىلىيە چېگراسى ئىچىدىكى بىرشېبا) دا تۇغۇلغان بولۇپ، 1948-يىلى بىرىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، زور تۈركۈمدىكى پەلەستىنلىكلەر ئۆي-ماكانىدىن قوغلاندى، تۇم بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر غەززەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جابالىيە مۇساپىرلار لاگىرىدا تۇرۇپ قالدى. ئەينىڭ چاغدا ئۇنىڭ ئائىلىسى 8جان كىشى بولۇپ، ھازىر 350كىشى بار چوڭ ئائىلە بولۇپ قالدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى