باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تۈرمە قارىيالمىغانلىقتىن، مېكسىكىلىق زەھەر كاتتىبېشى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەكچى(1)

2016.01.11 14:32   مەنبە: خەلق تورى

تۈرمە قارىيالمىغانلىقتىن، مېكسىكىلىق زەھەر كاتتىبېشى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەكچى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مېكسىكا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارى 9-يانۋار مېكسىكا تەرەپنىڭ ئالدىنقى كۈنى تورغا چۈشكەن دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ زەھەر كاتتىبېشى گوسماننى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدار: «مېكسىكىنىڭ تەييارلىق پۈتتى، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش پىلانى بار بولدى»، دېدى. بىراق ئۇ يەنە زەھەر كاتتىبېشىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزاق ساقلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. «چوقۇم ئەدىلىيە تەرتىپى بويىچە قىلىش كېرەك، يەنە گوسماننىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتىنىڭمۇ گېپى بار»، دېدى.

  1993-يىلى گوسمان گۋاتېمالادا تۇنجى قېتىم تورغا چۈشكەن ھەمدە مېكسىكىغا يالاپ كېلىنكەن، 8يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، 2001-يىلى ئۇ قولدا ئىتتىرىدىغان كىيىم يۆتكەش - يۇيۇش ھارۋىسىغا مۆكۈۋېلىپ، قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان تۈرمىدىن قېچىپ كەتتى.

  قانۇن سىرتىدا 13يىل يايراپ يۈرگەندىن كېيىن، گوسمان 2014-يىلى 2-ئايدا يەنە تۇتۇلدى. بۇ قېتىم ئۇ مۇداپىيەسى ئەڭ قاتتىق بولغان «ئېگىزلىك» فېدېراتسىيە تۈرمىسىگە قامالدى. بىراق ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى گوسمان كامىردىكى كۆزىتىش كامېراسى سۆرەتكە تارتالمايدىغان بۇلۇڭدىن غايىپ بولدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى ئۇدۇل كامىرغا تۇتىشىدىغان بىر يېرىم كېلومېتىرلىق بىر تونېل قازغان بولۇپ، كەڭرى تونېل ئىچىگە يورۇتۇش ۋە شامال ئۆتۈشۈش سىستېمىسى سەپلەنگەن، ھەتتا رېلىس ئۈستىدىكى بىر موتوسېكلىت بار ئىكەن.

  بىر قىسىم كىشىلەر مېكسىكا تەرەپنى گوسمانغا قارىغۇدەك ئىقتىدارى يوق دەپ قارىدى. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت كېڭەش پالاتا ئەزاسى، زوڭتوڭلۇق سايلىمى نامزاتى ماركو رۇبىئو: «گوسماننىڭ ئىككى قېتىم مېكسىكا تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنى قانۇن بويىچە جازالايدىغان ئۈچۈنچى قېتىملىق پۇرسەتنى زايا قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ»، دېدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى