خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-يانۋار، گۇاڭشى ئۆلكىسى نەننىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋۇمىڭ ناھىيەسىدە 2015 - يىللىق « خاسىيەتلىك قىلىچ 1 – نومۇرلۇق»قورال چەكلەش مەخسۇس ھەرىكىتىدە قولغا چۈشۈرگەن قانۇنسىز قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملار، تىزگىنلىنىدىغان سايمانلار ۋە كېرەكسىز زەمبىرەك ئوقى قاتارلىقلارنى كۆيدۈردى. جەمئىي كۆيدۈرۈلگەن پارتلاتقۇچ دورا 1043 كىلوگرام، پىستان 2322 دانە، قورال - ياراغ 767 تال، باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمان 346 تال، كېرەكسىز زەمبىرەك ئوقى 51دانە.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى