قومۇل ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غۇنچەم سەيدۇللا دېھقانلارغا كىتاب تارقاتماقتا
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قېيۇم قادىر خەۋىرى، فوتوسى: قومۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «ئاساسىي قاتلامغا خۇشاللىق يەتكۈزۈش __ كىتاب مەشرىپى» يېقىندا راھەتباغ يېزىسىنىڭ قارتال كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى.
مەشرەپكە قومۇل ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «قومۇل ئەدەبىياتى» تەھرىراتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە قومۇلدىكى داڭلىق سەنئەتكارلار، شائىر، خەتتاتلار قاتنىشىپ، دېھقانلارغا ھەقسىز كىتاب سوۋغا قىلىش، سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ھۆسنخەت سوۋغا قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، «ئاساسىي قاتلامغا خۇشاللىق يەتكۈزۈش __ كىتاب مەشرىپى» ھەرقايسى يېزا-بازارلاردا سەييارە ئۆتكۈزۈلىدىكەن ھەمدە دېھقان-چارۋىچىلارغا 50 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدىكەن.