باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مىرزاھىد كىرىمىي ئەدەبىي ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2015.12.29 17:00   مەنبە: خەلق تورى

مىرزاھىد كىرىمىي ئەدەبىي ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى،فوتوسى) قەشقەر شەھەرلىك ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژورنىلى تەھرىراتى، قەشقەر قۇتبىلىك كۈتۈپخانىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن « مىرزاھىد كىرىمىي ئەدەبىي ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى»2015-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن قەشقەر شەھرىدىكى باغچا ساراي چاي تائامىلىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە تونۇلغان ئاخباراتچى، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، « كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرى ئابلىمىت سوپىھاجى رىياسەتچىلىك قىلدى. تاھىر تالىپ، ئابلەت ئىسمايىل، تۇرسۇن نىياز، ئابلىز ئۆمەر ئەنجانىي،ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا، ئۆمەر ئوسمان شىپايىتېكىن،كىرىمجان ئابدۇرېھىم،بۇلبۇل ئەكرەم، مۇھەممەدجان ئابلىز بۆرىيار، ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر قەشقىرى، ئوسمان مۇھەممەد قاراقۇتلۇق، ئابلاجان بوۋاقى، تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق، ئەسقەر ئەھمىدى، دىلبەر ھامۇد، ھاجى ئاتىكە مىرئەھمەد، مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق، مېھرىگۈل ئابلىمىت، ئايپاشا تۇرسۇن قاتارلىق ئەدىپلەر، قەشقەردىكى ئوسمان نىياز ھاجىم، ئابدۇقېيىم ھاجىم قاتارلىق قۇتبىلىك كۈتۈپخانىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ ۋە كۈچ چىقارغان ساخەۋەتچى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى، يېڭشەھەر ناھىيە، كونىشەھەر ناھىيىسىدىن كەلگەن ئەدىپلەر، ھاجى مىرزاھىد كىرىمنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى، ئائىلە تاۋاباتلىرى، ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، قەشقەر گېزىتى، قەشقەر ژورنىلى، شەھەرلىك رادىيۇ تىلۋىزىيە ئىدارىسى، قەشقەر ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن ھەر ساھە زاتلىرى بولۇپ، 120دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

  تونۇلغان ئاخباراتچى، قەشقەر شەھەرلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، « كاشغەر مەدەنىيىتى » ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرى ئابلىمىت سوپىھاجى ھاجى مىرزاھىت كىرىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاندىن ئاتاقلىق شائىر تاھىر تالىپ سۆزلىدى ھەم ئۇنىڭغا ئاتاپ يازغان شېئىرىنى ئوقۇدى. قەشقەردىكى مەرىپەتپەرۋەر ياش كارخانىچى ئابدۇقېيىم ھاجىم تەبرىك سۆزىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە ئابلىز ئۆمەر ئەنجانىي، چىمەنگۈل ئاۋۇت، تۇرسۇن نىياز، مۇھەممەدجان ئابلىز بۆرەيار، مۇھەممەد ئىمىن قۇربان تۇغلۇق، ئابلاجان بوۋاقى قاتارلىقلار ماقالىسى، شئىرى ۋە ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزىنى ئىزھار قىلدى. پائالىيەت ئارلىقىدا ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدىكى ناخشىچىلار ئورۇندىغان ئىسىل سەنئەت نومۇرلىرى پائالىيەتنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.

  ئاخىرىدا ھاجى مرزاھىد كىرىمى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا توختۇلۇپ ئۆتتى. قەشقەردىكى ئوسمان نىياز ھاجىم،ئابدۇقېيىم ھاجىم... قاتارلىق قۇتبىلىك كۈتۈپخانىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ ۋە كۈچ چىقارغان ساخەۋەتچى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى ھاجى مىرزاھىد كىرىمىغا ھۆرمەت تونى ۋە نوركا تۇماق كەيدۈردى. ئارقىدىنلا پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى گۈل دەستە ۋە كۆڭئۈل سوۋغىلىرىنى تەقدىم قىلدى.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى
      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن قاتارلىقلارنىڭ ت…
      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى
      ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ قاراماي مەكتەپ رايونى قۇرۇلدى