خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-دېكابىر ئېلىپ بېرىلغان 2015-،2016-يىلى مۇسابىقە پەسلى جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئادەتتىكى مۇسابىقىسىنىڭ 15-قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا سىچۈەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ كوماندىسى 118گە قارشى 124نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلبە قىلىشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭلىق ماھىر جوۋ چى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇپ، كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر 29نومۇرغا ئېرىشتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى