خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:1 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شىنجاڭ جىڭ ناھىيىسى «تولۇ» گىلەمچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، 100 دىن ئارتۇق ئىشچى ئالدىراش ئىشلىمەكتە. بۇ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ماشىنىدا گىلەم توقۇش بازىسىدا، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە گىلەملىرى ئىشلەپ چىقىرىلماقتا.
2015-يىلى 5-ئايدا زاۋۇت قۇرۇلغاندىن تارتىپ، 8-ئايدا سىناق باشلىغىچە، قىسقىغىنە بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاللىقاچان شىنجاڭ بازىرىغا كىرىشكە باشلىغان. «بىزنىڭ نىشانىمىز‹ شىنجاڭنى مەۋقە قىلىپ، غەربىي شىمالغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلىنىش». (مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى